نىككىي خېيلى: «بايدېن ھۆكۈمىتى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-07-29
Share

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى نىككىي خېيلى خانىم 28-ئىيۇل كۈنى س ن ئەس خەۋەر (CNSNEWS) تورىدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» نى بايقۇت قىلىشى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تەھدىتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى زۇلۇمىنى كۆزدە تۇتۇپ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىست خىتاي بۈگۈنكى كۈندە 1936-يىلدىكى ناتسىست گېرمانىيەسىگە قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك. ئامېرىكا ۋە ئەركىن دۇنيا ئادولف گىتلېرنىڭ پىلانىنى تېخى تولۇق بىلىپ بولالمايۋاتىدۇ.»

نىككىي خېيلى خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

نىككى خېيلى خانىم يېقىندا ئامېرىكادىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان «گلېنبېك» رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «خىتاينى ئويلىسام كېچىلىرى ئۇيقۇم قاچىدۇ، چۈنكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن بارغانسېرى قەبىھلەشتى. ئۇلار ھازىر ھەربىي تېخنىكىسىنى ھەدەپ يېڭىلاۋاتىدۇ، ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاۋاتىدۇ.» دېگەنىدى.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «پرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكانىڭ پرىنسىپلىرىنى تاللىشى كېرەك. بىز كوممۇنىست خىتاينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبىرى ئۇ رەزىل ھاكىمىيەتكە تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئولىمپىكنىڭ سىمۋوللۇق غەلىبىسىنى تاپشۇرماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا چوقۇم ‹2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى› نى بايقۇت قىلىشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت