د ئۇ ق: «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىۋېتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.31

2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ بايقۇت قىلىش چۇقانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا ئىپادە قىلدى.

ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن «برېيبارت خەۋەرلىرى» (Breitbart News) يېقىندا مەخسۇس د ئۇ ق بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا سىياسىتىگە دائىر ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى كۇئېن ستۇپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇش ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ‹سەن خالىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋەر› دېگەنلىككە باراۋەر. ئەگەر بۇ مۇسابىقە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىك قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىرىش خورىكى يەنە بىر بالداق ئۆسىدۇ» دېگەن.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە كۇئېن ستۇپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قانداقتۇر «قىسمەن بايقۇت قىلىش» ياكى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش» شەكلىدە ئەمەس، بەلكى «تولۇق بايقۇت قىلىش» لازىملىقىنى، ئۇنداق قىلماي بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىىسىگە ۋەكىل ئەۋەتكەن دۆلەتلەرنىڭ ماھىيەتتە خىتاي قىلىۋاتقان زۇلۇملارغا شېرىك بولۇشنى تاللىغانلار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، د ئۇ ق ھازىرغا قەدەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچى خەلقئارالىق شىركەتلەر قاتارلىقلار بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىۋاتقان بولۇپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى بېيجىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزمەسلىك، «قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى» دەپ نام ئېلىپ بولغان بۇنداق بىر مۇسابىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا شېرىك بولماسلىقنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.