CECC نىڭ رەئىسلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسىگە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا مەكتۇپ يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.12

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC)نىڭ قوش رەئىسلىرىدىن جېف مېركېلىي ۋە جېيمىس مەكگوۋېرىن 12-يانۋار كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باكقا مەخسۇس مەكتۇپ يوللىدى. مەكتۇپتا ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاشكارا ھالدا جاكارلىغان «ئانتا تەنتەربىيىسى» ۋە «خېڭيۇەنشياڭ گۇرۇھى» نىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن تەنھەركەتچىلەرنىڭ كيىىملىرىنى زاكاز قىلىش توختامى تۈزگەنلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا بۇ ھەقتىكى بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب تەلەپ قىلدى.

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى قەتئى چەكلەيدىغانلىقى، بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇنمۇ ئىمزالانغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەرقاچان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە سىستېمىلىق زۇلۇم بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلىنىپ «خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارماقچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى كىيىملىرى ئاشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئولىمپىك تەنھەركەتچىلىرى ياكى ئولىمپىك خادىملىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان بۇ كيىىملەرنى كيىىشى قانداق ئىش؟» دېيىلىدۇ.

مەكتۇپتا ئالاھىدە قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق زۇلۇم شەكىللىرىدىن زور كۆلەملىك نازارەت ۋە تۇتقۇن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىش قاتارلىقلار شەرھىلىنىپ «ھازىر بۇ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئولىمپىك كومىتېتىنى تەنتەربىيە كىيىملىرى بىلەن تەمىن ئەتمەكچى بولغان «ئانتا تەنتەربىيىسى» ۋە «خېڭيۇەنشياڭ گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇتلىرى بارلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ «بىز شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىمىز» دەپ ئاشكارا جاكارلىغانلىقىنى، ئەمما «ئاكسيوس تورى» (Axios) ئۇلاردىن پاختا ھەققىدە سوئال سورىغاندا ئۇلارنىڭ «بىز چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان پاختا ئىشلىتىمىز» دېگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەقتىكى ئىمپورت ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ «سىلەرگە بۇ كيىىملەرنىڭ پاختا مەنبەسى كۆرسىتىلدىمۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.