گېرمانىيە پارلامېنتى تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-10-11
Share

گېرمانىيە پارلامېنتى تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى داگمار فرېتاگ، خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى داگمار فرېتاگ 11-ئۆكتەبىر گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا ھەر قايسىي دۆلەت سىياسىي ئەرباپلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن شەخسەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەھبىرى نەنسى پېلۇسىنىڭ ئوتتۇىغا قويغان دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش پىكىرىنى قوللايمەن.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ھېچ بولمىسا، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشماسلىقى، بۇ خەلقئارا ئولىملىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرىغا ئولىمپىك مۇسابىسى ئ‍ۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تەنتەربىيە ۋە ئەركىن جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشىنى سۈيىئىستېمال قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىشكە قارشى تۇرىمىز، دىگەننى بىلدۈرىدىكەن.»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسى بۇ يىل 5-ئايدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئىشتىراق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا رەھبىرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىشى ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر جايدا كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەش ئەخلاقىي مىزانىغا گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر پەقەت رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت