بايدېن ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «دىپلوماتىك بايقۇت» قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.16

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشتىكى بىر كۈچلۈك تەلەپ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش بولۇپ كەلگەنىدى. يېقىندا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى «دىپلوماتىك بايقۇت» قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 16-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسارايدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بەزى ئەربابلار «پرېزىدېنت بايدېن ياكى باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بارمايدىغانلىقى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ»، دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقچى ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراي تېخى بۇ قارارنى رەسمىي ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى رەسمىي تەكلىپ لايىھەسى خېلى بۇرۇنلا ئاق سارايغا يوللانغان ھەمدە نويابىر ئېيى چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى تەستىقلىنىدىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىممۇ ماي ئېيىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتكە ھۆرمەت كۆرسەتكەن بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلغۇدەك ھېچقانداق سالاھىيىتى بولمايدۇ. تەنھەرىكەتچىلىرىمىزگە ھۆرمەتلەر بولسۇن، ئەمما دىپلوماتىك بايقۇتمۇ بولسۇن» دېگەنىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ؛ «2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنىڭ ساۋاقلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنتۇماسلىقى لازىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى قىرغىنچىلىقتىن بۇرىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.