بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ياۋروپا سىياسىيونلىرىنىڭ چۇقانلىرىغا ئايلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.17

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ساھىبخانىلىق قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەتلەر ۋە سىياسىيونلارنىڭ قارشى تۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. 16-نويابىردا ياۋروپادىكى بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى چۇقانلار يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.

فىرانسىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، «خىتاي مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزاسى، فىرانسىيەلىك داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى سەنئەتكار فرېدېرىك دۇماس خانىم 16-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە سۈرەتلىك ئۇچۇر يوللاپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەزكۇر ئۇچۇرغا يازغان ئىزاھلىق تېكىستكە ئالاھىدە قىلىپ «ھەقلەر بولمىغان جايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ بولماسلىقى لازىم» دەپ يازغان.

خۇددى مۇشۇ مەزمۇندىكى چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر كىشى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كەسكىن ئەيىبلەپ كەلگەن دۇنكان سىمىس ئەپەندى بولۇپ، 16-نويابىر كۈنى ئۇمۇ سۈرەتلىك ئۇچۇر يوللاپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى تېكىستتە ئېنىق قىلىپ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۇيغۇر دىيارىدا، شۇنىڭدەك خوڭكوڭ ۋە تىبەت رايونلىرىدا ھەقلەر ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ‹خىتاي مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق پارلامېنتلار ئىتتىپاقى› ھۆكۈمەت ئەمەلدارلرىنى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشماسلىققا چاقىرماقتا. مەن بۇ سەپكە قوشۇلدۇم» دەيدۇ.

بۇ سۈرەتلىك چاقىرىقلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئەگەشكۈچىلىرى بەس-بەستە بۇ چاقىرىقنى ئالقىشلىغان. شۇنىڭدەك ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ ھەقتە تېزدىن قارار ئېلىشقا دەۋەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ پات يېقىندا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدە قارار ئالىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.