بېيجىڭدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى يېڭىۋاشتىن زورايماقتا
2020.06.16
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى خەلقئارانىڭ زور گۇمانىنى قوزغاۋاتقاندا ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ خىتاي تەۋەسىدە يېڭىۋاشتىن زورىيىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 16-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىر شەھەر تەۋەسىدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا توسۇقلار ۋە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى يېڭىۋاشتىن ئورنىتىلىشقا باشلىغان. يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارنىڭ شەھەردىن چىقىشى مەنئى قىلىنىپ ئۆيدە ئولتۇرۇشىغا بۇيرۇق بېرىلگەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ خېجيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «پايتەختنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى بەك ئېغىر. بىز ھازىر ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز،» دېگەن.
CNN ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە ھازىر يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاھالە ئولتۇراق رايونى قامال قىلىنىپ، ئوتتۇز نەچچە مىڭ رېستوران دېزىنفېكسىيە قىلىنغان. بولۇپمۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فېڭتەي رايونىدىكى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات بازارلىرى شەھەر ئىستېمالىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ مۇشۇ شەنبە كۈنىدىن باشلاپ قامالغا ئېلىنىشى ئاللىقاچان زور ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا شىنفادى ۋە شىچېڭ رايونلىرىدىكى يېمەكلىك بازارلىرىمۇ تاقالغان. بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر رايونى بىردەك قامالغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋىرۇس يۇقۇمى يەنە لياۋنىڭ ۋە خۇبېي ئۆلكىلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، سىچۈەن ئۆلكىسىدىمۇ بايقالغان. ئەمما ھازىرچە بېيجىڭ شەھىرى تولۇق قامال قىلىنمىغان بولسىمۇ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە ۋىرۇس يۇقۇمى بار جايدىن كەلگەنلەرنى 14 كۈن كارانتىن قىلىش باشلانغان.