بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-16
Share

15-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قەبىھ باستۇرۇشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بېلگىيە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغان ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، لىتۋا ۋە چېخ جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېيىنكى 7-دۆلەت بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قايسى دۆلەت بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، قېتىم تىغ ئۇچىنى بېلىگىيەگە قاراتقان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىنى يەنىلا خىتاينىڭ قېلىپلىشىپ قالغان دىپلوماتىك تىلى بويىچە «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.

بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش تەكلىپىنى بېلگىيە پارلامېنتىغا سۇنغان مۇھىم شەخستۇر. ئۇ بۇ قېتىم ئۇ جاۋ لىجيەننىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان، جاۋلىجىيەن ئۇنى «يالغان ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى يامان غەرەزدە تارقىتىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى،» دەپ قارىلىغان ھەمدە ئۇنى «بېلگىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىق» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى «7 دۆلەت ئىتتىپاقى» رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى خىتاينى ساراسىمىگە سالغان بولسا، ئارقىدىنلا ياۋروپانىڭ سىياسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بېلگىيەنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشى خىتاينىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قايناتقان. خىتاينىڭ بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىشىنى مەلۇم جەھەتتىن «7دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ بىرلەشمە باياناتىغا قارىتىلغان دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت