بېنگالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-09-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېنگالدىكى «يېڭى مىللەت كۈندىلىك خەۋەرلىرى» قاتارلىق ئاگېنتلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-سېنتەبىر جۈمە كۈنى بېنگالدىكى مىڭلىغان مۇسۇلمان ئاھالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى ۋە رايوندىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى»غا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.

بېنگالنىڭ داكا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جۈمە نامىزىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، قوللىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ئائىت رەسىملەرنى كۆتۈرگەن نامايىشچى ئامما بىرلىكتە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختات»، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى توختات» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. مەزكۇر نامايىشنى بېنگالدىكى «ئىسلامىي ئاندولون» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەخمىنەن بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى»غا قاماش، يەنە ئىككى مىليوندەك ئۇيغۇرنى كۈندىلىك تەربىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادى ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتقانلىقى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى.

بۇ ھەقتە يېقىندا «خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتى»، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردىمۇ بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئۆزىنى دىنىي ئەقىدىنىڭ باياناتچىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن سىياسەتچىلەر ۋە دىنىي رەھبەرلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى ئالدىدا سۈكۈت قىلدى. . . نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرىنى قوللايدىغان دەرىجىگە يەتتى» دەپ يېزىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام دۇنياسىدىكى چوڭ دۆلەتلەر سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇلارنى ئەپسۇسلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، بېنگالدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇلارنى ھەم خۇشال قىلغان ھەم ھەيران قالدۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت