ئامېرىكا بېرمىنى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.04.18

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سامانتا پوۋېر، بېرما ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىشقا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ، ئەگەر بېرما غەربىي بېرمىنىڭ راخىن شتاتىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىسا، بۇ، بېرمىنىڭ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

سامانتا پوۋېر بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا قىلغان. يىغىندا ب د ت نىڭ بېرما مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ۋىجاي نامبىئار، خەۋپسىزلىك كېڭشىگە بېرمىدىكى مۇسۇلمان-بۇددىست توقۇنۇشى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

بېرمىدا 2012‏-يىلى 6-ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 237 ئادەم ئۆلگەن، 140 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ماكانسىز قالغان. ماكانسىز قالغان ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى راخىن شتاتىدىكى مۇسۇلمان روخىڭيالىقلار ئىدى. بېرمىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ بېرما ۋەتەنداشلىقى رەت قىلىنىپلا قلاماي، ئۇلار يەنە، بۇ ئەلدىكى بۇددىست گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن.

سامانتا پوۋېر بېرمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىز داۋاملىق بېرما ئىسلاھاتىنى قوللايمىز. بىراق ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىسا، راخىندىكى زوراۋانلىق كۈچىيىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىنسانىي ياردەمنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، دېگەن.

لېكىن بەزى تەنقىدچىلەر، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال بۇددىستلارنى ئاستىرتىن قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.