بېرما ھۆكۈمىتى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتايدىن ياردەم سورىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-28
Share

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەزكۇر بۇددىستلار دۆلىتىگە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بېرما ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال مىن ئاڭلاڭ بۇنىڭغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تاما قىلىپ ئالمان-تالمان بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغان. شۇنىڭدەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا بېرما رەھبىرى ئانساڭ سۇچى بىرنەچچە كۈندىن كېيىن خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇنى دەبدەبىلىك كۈتۈۋالىدىغانلىقى ھەققىدە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 620 مىڭدىن ئارتۇق روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېرما ئارمىيىسىنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن قوشنا بېنگالغا قېچىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەت بىرما ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بۇ پەيتتە ئانالىزچىلار خىتاي بىلەن بېرمىنىڭ بۇ دەرىجىدە يېقىنچىلىق قىلىشىنى «خىتاينىڭ قايتىدىن بېرمىنى ئۆز تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئېلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى گاز ۋە نېفىت تۇرۇبا يولى پۈتۈنلەي بىرما زېمىنىدىن ئۆتىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي بېرمىغا ئەڭ زور مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت