بىرما پرېزىدېنتى ھاكىمىيەتنى تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.11.15


رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما پرېزىدېنتى تيېن سېن يەكشەنبە كۈنى بىرمادىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە ھاكىمىيەتنى سىلىقلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر، بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشسا، بىرمادىكى 50 يىللىق ھەربىي ھۆكۈمەت تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.

ئەسلى ھەربىيلەردىن كېلىپ چىققان بىرما پرېزىدېنتى تيېن سېن 8 - نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى لائۇرىياتى ئاڭساڭ سۇچى يېتەكچىلىكىدىكى «مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى»سايلىغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئاڭساڭ سۇچىنى تەبرىكلىگەن ئىدى.

13 - نويابىر كۈنى بىرما سايلام كومىتېتى بۇ سايلام نەتىجىسىدە، پارلامېنتتىكى 664 ئورۇننىڭ 348 سىنى مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى،40 ئورۇننى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما پرېزىدېنتى سۆزىدە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ تېز ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سايلامدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن پارلامېنت كېلەر يىلى 1 - ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى يىغىنىنى چاقىرىدىكەن ۋە 2 - ئايدا بىرمادا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا ھۆكۈمەت تەشكىللىنىدىكەن.

قانۇن بويىچە، پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن پارتىيە ئۆز پرېزىدېنت نامزاتىنى كۆرسىتىش سالاھىيىتى بولىدىكەن.

ئۇزۇن يىللار دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاڭساڭ سۇچى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك ئەللەر رەھبەرلىرىنى ئۇنى تەبرىكلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.