خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېرمانىڭ روھېڭگا يېزىلىرىنى سىستېمىلىق كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.15

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بېرما ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېزا-كەنتلىرىنى «پىلانلىق تۈردە سىستېمىلىق كۆيدۈرۈۋاتقانلىقى» غا دائىر دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بېرما ھۆكۈمىتى روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېزا-كەنتلىرىنى كۆيدۈرگەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇ جايلارغا «روھېڭگالارنىڭ ئۆزلىرى ئوت قويۇپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 80 يېزا-كەنتنىڭ سىن كۆرۈنۈشى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە باشقا مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلىغان ئانالىز دوكلاتى ئېلان قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كرىزىس ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى تىرانا ھاسان بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، «دەلىللەر رەت قىلغۇسىز دەرىجىدە كۈچلۈك. بېرما ئامانلىق كۈچلىرى روھېڭگا خەلقىنى نىشانلىق ھالدا بېرمادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى داۋامىدا شىمالىي راھېن شتاتىدا ئوت قويۇش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى،» دېگەن.

تىرانا ھاسان يەنە بېرما ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ روھېڭگا يېزا-كەنتلىرىنى قورشاپ، قېچىۋاتقان خەلقنى ئوققا تۇتقانلىقى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆي- ماكانلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ قانۇنىي تېرمىن بىلەن ئېيتقاندا، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت،» دەپ كۆرسەتكەن.

بېرما ھۆكۈمىتى روھېڭگالارنىڭ بېرما پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى ئاقلاپ كەلگەن. ھالبۇكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى رائاد ئەل-ھۆسەيىن ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس، بېرما دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئەيىبلىدى. ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر بېلگالغا قېچىپ چىققان روھېڭگا مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 400 مىڭغا يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.