لى كېچاڭ بىرماغا قارىتا ئۆز پۇقرالىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ يېپىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋەلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، بىر قانچە خەلقئارالىق سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بىرما - خىتاي چېگرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى، بىرما - خىتاي چېگرا رايونلىرىدا خېلى ۋاقىتتىن بۇيان بىرما ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بۇ رايوندىكى خىتاي مىللىتىنىڭ كوكان قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا ئىدى.

رادىئومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما تەرەپنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى 13 - مارت كۈنى بىرمانىڭ شىمالىدىكى كوكان قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى بومباردىمان قىلغاندا ئۈچ دانە بومبا خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى تەۋەسىگە چۈشۈپ، ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقانلاردىن 4 ئى ئۆلۈپ، 9سى يارىلانغان ئىدى.

خىتاي تەرەپ بىرما ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خىتاي تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانى بىلەن جىددىي سۆزلەشكەن ۋە بىرمانى ئاگاھلاندۇرغان. بىراق بىرما تەرەپ ئۆز ئايروپىلانىنىڭ خىتاي تەۋەسىگە كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان. ئەمما، يۈننەن تەۋەسىدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى ھەققىدىمۇ تاراتقۇلاردا ئۇچۇرلار پەيدا بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت