بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى كىتاب بولۇپ نەشردىن چىققان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.10

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى كىتاب بولۇپ نەشردىن چىققان.

بېرمۇدا خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ كىتاب بېرمۇدادىكى 16 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان ھاسنا تۇرنېر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، كىتابقا «ئۇيغۇرلار-جەننەتتىكى مەھبۇسلار» دەپ ئىسىم بېرىلگەن ئىكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، ھاسنا تۇرنېر مەكتەپتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەۋسۇملۇق تاپشۇرۇق لايىھىسى رامكىسى ئاستىدا بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىكەن. ئۇ بېرمۇدا خەۋەرلىرىگە قىلغان سۆزىدە «ئۆزىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بېرمۇدالىقلارغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش مەجبۇرىيىتى ھېس قىلغانلىقى» نى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قانداق بولۇپ، گۇەنتاناموغا بېرىپ قالغانلىقى ۋە قانداق بولۇپ بېرمۇداغا ئورۇنلاشقانلىقىدەك جەريانلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇ بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزىنىڭ مەۋسۇملۇق تاپشۇرۇقىنى مۇشۇ 4 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە سومىسفىيلد ئاكادېمىيەسىدە تەقدىم قىلغان. ئۇ شۇنداقلا كىتابىنى ئىلگىرى بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكالىق تەھرىر لۇك ھانسوننىڭ تەھرىرلىشىگە سۇنغاندىن كېيىن، كىتاب بولۇپ نەشردىن چىققان. كىتابنى ئېلېكترونلۇق كىتاب شەكلىدىمۇ چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇر 2009-يىلى 11-ئىيۇن كۈنى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. تېخى يېقىندا بېرمۇدا رويال گېزىتى ئۇلارنىڭ بېرمۇداغا ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرمۇدانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېۋارت بروۋن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ بىر خەۋەر ئىشلىگەن ۋە سابىق باش مىنىستىرى ئۆزىنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ ناھايىتى توغرا قىلدىم، دەپ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.