بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.08.28

2009-يىلى گۇئانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خېلىل مامۇت، ئابدۇللا ئابدۇقادىر، ئابلىكىم تۇراخۇن ۋە سالاھىدىن ئابدۇلئەھەد قاتارلىق تۆت ئۇيغۇر ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندە، يەنى 27-ئاۋغۇست كۈنى بېرمۇدا پاسپورتى تارقىتىپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى بولماسلىق تارىخى ئاخىرلاشقان.

ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى «خاتا ۋاقىتتا خاتا ئورۇندا قولغا چۈشۈپ قالغان، ئۇلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئازادلىققا چىقارغان ھەمدە بېرمۇداغا يەرلەشتۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇلارغا پۇقرالىق بېرىلمىگەن بولغاچقا بۇ ئۇيغۇرلار ئىزچىل سالاھىيەتسىز كىشىلەردىن بولۇپ كەلگەن ئىدى.

بېرمۇدانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېۋارت براۋن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. ئەمما ئۇلارنىڭ پۇقرالىققا ئېرىشىشى بەكمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۇلارغا بېرىلگىنى «بىرىتانىيەنىڭ چەتئەلدىكى زېمىنىنىڭ پۇقراسى» سالاھىيىتى بولۇپ، ئۇلارغا بېرمۇدا پاسپورتى بېرىلىدىكەن. بۇ خىل پاسپورتنىڭ ئىگىلىرى بېرمۇدا ئاھالىسىگە ئوخشاش ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ سايلامدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بولمايدىكەن. قانۇن بويىچە، ئۇلارنىڭ 18 ياشقا تولمىغان پەرزەنتلىرىمۇ مۇشۇ يوسۇندا يېڭى پاسپورت ئالىدىكەن. بۇ پاسپورتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ ئۇيغۇرلار بىرىتانىيە پۇقرالىرىغا ئوخشاش ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدىكەن ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ياشىسا بولۇۋېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.