15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىلىرى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەكتۇپ ھازىرلىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۈگۈن بېيجىڭدىكى غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ، بىرلەشمە مەكتۇپ ھازىرلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر بىلەشمە مەكتۇپنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان. مەكتۇپقا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئىمزا قويغان.

مەكتۇپتا چېن چۈەنگوغا خىتابەن مۇنداق دېيىلگەن: «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلماقتىمىز. شۇڭا ۋەزىيەتنى تولۇق بىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىز بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنى ۋە سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مەكتۇپنىڭ چېن چۈەنگوغا رەسمىي ئەۋەتىلگەن ياكى تېخىچە ئەۋەتىلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەسكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن بۇ مەكتۇپقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرغان. خۇا چۈنيىڭ سۆزىدە غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ بۇنداق بىر مەكتۇپنى ھازىرلاش ئارقىلىق شىنجاڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكچى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت