لاگېرلارنىڭ قارا سايىسىدىكى «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇشى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كۆپ تەنقىدلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا سىياسىي جەھەتتىكى ئىسلاھات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش مەسىلىسى بويىچە دۇنياغا كۆپلىگەن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى.

لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن خىتاينىڭ قىلچىمۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى ھەمدە يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ئالداپ كەتكەنلىكى يەنە بىر قېتىم مۇلاھىزىچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كەۋىن كاررىكونىڭ 22-ئۆكتەبىر كۈنى «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى» دا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنىڭدەك «ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتايغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراش ئاقىلانىلىك ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008-يىلىدىن بۇيان سىياسىي ئەھۋالىغا ئومۇمى جەھەتتىن قاراپ چىقىپ «شىنجاڭغا قارايدىغان بولساق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى كۆرىمىز» دەيدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا غايەت زور لاگېر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ باش نىشان بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. بولۇپمۇ ھېچقانداق بىر مەملىكەتنىڭ مىليونلىغان ئىنساننى لاگېرغا قامىۋالغان بىر مەملىكەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ئەمما مۇشۇنداق ئاچچىق رېئاللىقنىڭ ھازىر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «خىتاي مۇشۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرمەكچى بولغان بولسا، بىز مۇشۇ مۇسابىقە ئارقىلىق خىتايغا تېگىشلىك بولغان بېسىملارنى تەتبىقلىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت