پرېزىدېنت جوۋ بايدېن: «دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ كۈرىشىدە دېموكراتىك دۆلەتلەر غەلىبە قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-03-02
Share

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 1-مارت كۈنى دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئامېرىكانىڭ يىللىق دۆلەت ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە رۇسىيەنىڭ ئوكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئوكرائىناغا ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ كۈرىشىدە دېموكراتىك دۆلەتلەر غەلىبە قىلماقتا، دۇنيا يەنىلا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى تاللىماقتا، مانا بۇ ھەقىقىي سىناقتۇر».

پرېزىدېنت بايدېن بۇ سۆزىدە ئۇكرائىنا خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ پرېزىدېنتى زېلىنسىكىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «پرېزىدېنت زېلىنىسكى ۋە ھەر بىر ئوكرائىنالىقنىڭ باتۇرلۇقى، جاسارىتى ۋە قەتئىيلىكى دۇنياغا ھەقىقەتەن ئىلھام بەردى. بۇ پرېزىدېنتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتونى رۇسىيە ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغا بىرلىكتە جازا يۈرگۈزۈشكە قايىل قىلىش، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىش ئارقىلىق رۇسىيەنى تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يېتىم قالدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى تەقدىرلەشكە لايىقتۇر» دېگەن.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىنىڭ رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ياۋروپا بىلەن كانادامۇ ئۆزلىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن چەكلىگەنىدى. بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر رۇسىيەنى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى (SWIFT)دىن چىقىرىپ تاشلىغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىش نىشانلانغانىدى.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ سۆزىدە رۇسىيەنىڭ ئوكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر قانداق دىكتاتور ئۆزىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشى ئۈچۈن قاتتىق بەدەل تۆلىمىگەندە ئۇلار تېخىمۇ چوڭ ئاپەت پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن كېيىنكى سۆزلىرىدە ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقى، يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھامان يېڭىپ چىقىپ، ئامېرىكانىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتىدىن يىللىق دوكلات بېرىش كۈنتەرتىپى 1934-يىل باشلانغان بولۇپ، پرېزىدېنت دۆلەت ئەھۋالى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى دوكلات قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت