پرېزىدېنت بايدېن خىتاينىڭ خۇاۋېي، جوڭشىڭ (ZTE) شىركەتلىرىنى چەكلەش قانۇنىغا ئ‍ىمزا قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-12
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 11-نويابىر كۈنى خۇاۋېي، جوڭشىڭ (ZTE) قاتارلىق بىخەتەرلىككە تەھدىت، دەپ قارالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىن يېڭى ئەسۋاپلارنى سېتىۋېلىش رۇخسىتى ئېلىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىىنىڭ خىتاي تېلېفون ۋە تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنى چەكلەشنى نىشان قىلغان «بىخەتەر ئەسۋاپلار قانۇنى» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى 28-ئۆكتەبىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئىدى.

بۇ قانۇن پرېزىدېنت بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە ئېلىپ بارىدىغان ئېكران سۆھبىتىنىڭ ھارپىسىدا ئىمزالانغان. رويتېرس ئ‍اگېنتلىقى سۆھبەتنىڭ كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بۇ سۆھبەت ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا، كىشىلىك ھوقۇق، ھەربىي جەھەتلەردىكى سۈركۈلىشى جىددىلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتقا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى ئىمزالانغان بۇ قانۇندا ئامېرىكا فېدېرال ئالاقە كومىتېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەسۋاپلارنى سېتىۋېلىش ئىلتىماسلىرىنى تەستىقلاشنى ئويلاشماسلىق ياكى تەستىقلىماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

جوۋ بايدېن بۇ قانۇنغا ئىمزا قويۇشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن شىركەتلەر ۋە دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ نازۇك ئىلىم-پەن تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىشىنى، بولۇپمۇ كىشىلەرنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىش ئېھتىمالى بولغان تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىنى توسۇشقا چاقىرغان. بلىنكېن 10-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق تور يىغىنىدا، خىتايدا «شەخسىي كارخانىلار بىلەن دۆلەت ئايرىم، دەيدىغان ئىش يوق. خىتايدىكى شەخسىي كارخانىلارنى دۆلەت كونترول قىلىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت