بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-03-17
Share

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاي بىلەن بۇ ھەپتە «تېخىمۇ قاتتىق چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ» سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ھەپتىنىڭ 4-كۈنى خىتاي بىلەن ئالياسكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ قۇرۇق گەپ قىلماي، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالياسكىنىڭ ئەنكرىج شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىملىق سۆھبەت بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى قېتىملىق يۈز تۇرانە سۆھبىتى بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن پرېزىدېنت بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جېك سالىۋېن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل باش ئەمەلدارى ياڭ جېچى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، قۇرۇق گەپتىن باشقا ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلمىغان. ئامېرىكا بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خوڭ كوڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدىن ھازىرقى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئەگەر خىتاي يەنە يالغان سۆزلەپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشنى ئويلىسا، بۇ سۆھبەتمۇ نەتىجىسىز بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت