ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئۇكرائىناغا سەپىرىدە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.12.06

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋقا يەتىپ كېلىپ، بۇ دۆلەتتىكى زىيارىتىنى باشلىدى. جوۋ بايدىن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكو، باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسۇنوك ۋە شۇنىڭدەك ئاممىۋى جەمىيەت ئاكتىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن. بايدىن يەنە ئۇكرائىنا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
نۆۋەتتە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش توختامى تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما، توقۇنۇشلارنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، لېكىن بۇرۇنقىدەك چوڭ كۆلەمدە ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. شەرقى ئۇكرائىنادىكى كرىزىستىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا بىرلەشمە ھەربىي مەشىقلەر يولغا قويۇلغان.ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 300 نەپەر ھەربىي خادىمى ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنى مەشىق قىلدۇرماقتا ئىكەن.
رۇسىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە بومباردىمانلارنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرەپ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ئۆزىنى جۇمھۇرىيەت دەپ ئاتاۋاتقان بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىگە رىئايە قىلمايۋانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا، شۇنىڭدەك رۇسىيەنىڭمۇ داۋاملىق تۈردە ئۇلارنى قوللىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.