بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق دەپسەنچىلىكىگە قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.05.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ ھوقۇقى ۋە بايلىق مەنبەسىنى ئىشلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «سەزگۈر، ئەمما مەخپىي ئەمەس» دەپ بەلگە قويۇلغان دوكلاتىدا، ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئ‍ۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مۇئامىلىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى قانداق ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ مەسىلىنىڭ باشقا دۆلەتلەر، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى ۋە خۇسۇسى شىركەتلەر بىلەن بولغان يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. دوكلاتتا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە بايلىق مەنبەسىنى تولۇق قوللىنىدۇ» دېيىلگەن. دوكلاتتا بولۇپمۇ «قاتتىق نازارەت، مەجبۇرىي نۇپۇس كونترول قىلىش تەدبىرلىرى، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، قىيىن-قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئېتنىك ۋە دىنىي ئاسسىمىلاتسىيەگە قارشى تۇرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجڭغا مەركەزلىشىش-ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ۋە شېرىكلىرىنى يىغىپ، رۇسىيەنى دىپلوماتىك قوللاش ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىدىغان شىركەت ۋە ئاپپاراتلارنى ئېنىقلاپ چىقىدىغانلىقى، شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، «تەمىنلەش زەنجىرىدە سەگەك بولىدىغانلىقى، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن بولسىمۇ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە قېزىلغان، ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قانداق سىياسەت تۇتۇدىغانلىقىنى ئەتراپلىق ۋە كونكىرېت چۈشەندۈرۈشىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت