خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۇەن پارتكومى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارىنى ئالماشتۇرغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«خىتاي سىياسىي قانۇن تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  يېقىندا بىڭتۇەن پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى كادىرلار ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىپ، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى جۇ شۆبىننىڭ بىڭتۇەن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

جۇ شۆبىن 19-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىڭتۇەن پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-قېتىملىق يىغىنىدا بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغانىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇنىڭ 1970-يىل تۇغۇلغانلىقى ۋە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقىدىن باشقا مەلۇمات بېرىلمىگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، جۇ شۆبىن ئىلگىرى قەشقەر، تۇرپان ۋىلايەتلىرىدە تەشۋىقات ۋە بىرلىكسەپ خىزمىتىگە مەسئۇل ئەمەلدار بولغان، 2017-يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2018-يىلدىن باشلاپ بىڭتۇەن ئورۇنلىرىدا ھوقۇق تۇتقان، 2022-يىل 6-ئايدا بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىخەنزە شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغىنىدەك، 2020-يىل 7-ئايدا چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىككى ئەمەلدارى جازالانغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىسىترلىكى كۆپ قېتىم ئامېرىكانى ئەيبلىگەن، ئەمما يەنىلا بۇ ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئالماشتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئايدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ قوماندانى پېڭ جيارۇينى يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شۆ بىننى تەيىنلىگەن. ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بىڭتۇەندىكى ئەمەلدار يۆتكەش ۋە باشقا تەدبىرلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت