بىڭتۇەننىڭ رولىنى «ياخشى جارى قىلدۇرۇش» چاقىرىقى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.01.16

2019-يىلىنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە بولغان بىر قىسىم مەمۇرىي ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشقا دائىر ھوقۇقلار، جۈملىدىن چوڭ يول قاتنىشى، ئامانلىق ۋە ئوت ئۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق 150 خىلغا يېقىن مەمۇرىي ھوقۇق بىڭتۇەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 16-يانۋاردىكى سانىدا بولسا «باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا بىڭتۇەننىڭ پەۋقۇلئاددە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرايلى» سەرلەۋھىسىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەھۋاللار يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-ئومۇمى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىڭتۇەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى سۇن جىنلوڭنىڭ باشلامچىلىقىدا مۇشۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان. سۇن جىنلوڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىڭتۇەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە شى جىنپىڭنىڭ ‹يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى› نى يېتەكچى ئىدىيە قىلىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ئاستىدا «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىڭتۇەننىڭ پەۋقۇلئاددە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرايلى» دەپ چاقىرىق قىلغان.

بۇنىڭغا ماس ھالدا «خىتاي خەۋەرلەر تورى» 14-يانۋار بىڭتۇەنگە قاراشلىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قىشلىق مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى «ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەشىقى» دەپ مەخسۇس خەۋەر قىلغان. سۈرەتلىك خەۋەردە ھەربىي ئىشلارغا لايىھىلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەربىي مەشىقلەر ساقچى قىسىملىرىنىڭ مەشىق شەكلىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى كۆزلىگەن «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى»، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بىڭتۇەننى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ» دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئەھۋاللارنى بەزى ئانالىزچىلار «بۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارەتلىرىدىن بىرى» دېمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.