بىڭتۇەن دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدا «يىلتىز تارتقۇزۇش» قا ئۇرۇنماقتا
2021.04.08
ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.
«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 7-ئاپرىل تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن 2020-يىللىق «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە يەنە 21 تۈرنى يولغا قويۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنى بۇ يەردە يىلتىز تارتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.
ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەنگە كېلىپ ئورۇنلىشىدىغان خىتاي كۆچمەنلەرنى يەنىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن يولغا قويغان مەخسۇس ئىستراتىگىيە بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ بۇ ھەرىكەتنى باشلىغان ۋە ئاتالمىش «پىدائىي» لارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خەۋەردىن قارىغاندا، بىڭتۈەن 2020-يىلى پەقەت مۇشۇ تۈر بويىچىلا ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 3009 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلغان، يەنە يېڭىدىن 1377 ئادەمنى تىزىملىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىق قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلار 1652 نەپەرگە يەتكەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۇەنگە قەرەللىك خىزمەتكە كەلگەن بۇ ئاتالمىش «پىدائىي» لارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەرلىشىپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس «ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش، ياردەم بېرىش، قوللاش ۋە ساقلاپ قېلىش» دەپ ئاتالغان بىر سىياسەت ئەندىزىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلار يېڭىدىن كەلگەنلەرنىڭ بارلىق تۇرمۇش قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنى، ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈشنى، ئۇلار بىلەن قەرەللىك سۆزلىشىپ تۇرۇشنى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ قېلىشنى كۆزلەيدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرخىل نام، ھەرخىل سىياسەتلەر بويىچە ئۇيغۇر ئېلىغا توختىماي خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەۋاتقان بولۇپ، بىڭتۇەن بۇ سىياسەتلەردە داۋاملىق باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلگەن. بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن بۇيان بۇ ھەرىكىتىنى يەنىمۇ تېزلەتكەن.









