خىتاي بۇ يىل بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتىكى دېۋىزىيە-شەھەرلىرىنىڭ سانائەت مۇقىم مۈلۈك مەبلىغىنى زور دەرىجىدە كوپەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-25
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ جەنۇبتىكى شەھەر-دېۋىزىيەلىرىنىڭ سانائەت مۇقىم مۈلكىگە مۈبلەغ سېلىشنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن. «بىڭتۈەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئ‍اشكارلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتىكى 11 دېۋىزىيە-شەھىرىنىڭ سانائەت مۇقىم مۈلكىگە سېلىنغان مەبلەغ ئۆتكەن يىلنىڭ ئ‍وخشاش مەزگىلىدىكىدىن 72.8 پىرسەنت ئارتقان. ھالبۇكى، بۇ ئەھۋال بىڭتۇەننىڭ شىمالدىكى دېۋىزىيە-شەھەرلىرىدە ئاران 2.7 پىرسەنت ئ‍ىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەزىيەت خىتاي دائ‍ىرىلىرىنىڭ بىڭتۇەن سانائەت ئۇل ئ‍ەسلىھەلىرىنى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يۆتكەپ، ئۇنى جەنۇبتىكى ئوبلاست، ۋىلايەتلەرگە شىددەتلىك كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلاپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى تېزلەتكەن. دائىرىلەر بۇنىڭ بىر «مۇقىملىق قۇرۇلۇشى» ئ‍ىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

«بىڭتۈەن گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەزگىل ئىچىدە بىڭتۇەننىڭ ئومۇمى سانائەت مۇقىم مۈلكىگە سېلىنغان مەبلەغ 18.4 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، كانچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ 365.4 پىرسەنت، ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنغان مەبلەغ 35.3 پىرسەنت ئارتقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئ‍ۆتكەن يىلى بىڭتۇەنگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئ‍ىمبارگو قويۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئەمەلدارىنى جازالىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت