خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە داۋاملىق ئادەم كۆپەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-25
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە داۋاملىق كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، ئادەم كۆپەيتىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۇەن 25-ئىيۇن جەمئىيەتتىن «تەن سالاماتلىكى ۋە پىسخىلوگىيەلىك ساپاسى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان» 858 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كۆزۈتكۈچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمبارگوغا ئۇچرىغان بىڭتۇەننىڭ داۋاملىق كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشى، ئۇنىڭ ئادەم سانىنى كۆپەيتىپ، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئ‍ولتۇراقلاشقان رايونلارغا قاراپ كېڭىيىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئ‍ىكەنلىكىنى بىلدۈرمۈكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىش قەدىمىنىمۇ تېزلەتكەن. بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى «شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك كاپالىتى» دەپ ئېلان قىلغان.

«بىڭتۈەن گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۈەننىڭ جەنۇپتىكى 1-دېۋىزىيەسى، 3-دېۋىزىيەسى ۋە 14-دېۋىزىيەسىدىكى خىزمەتكە ئ‍ىلتىماس قىلغۇچىلار «خەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى قوشۇمچە ياردەم پۇلى» غا ئېرىشىدىكەن.

بىراق بىڭتۈەننىڭ خزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئ‍ۇقتۇرۇشىدا، قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق ۋەزىپە ئ‍تەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت