شى جىنپىڭ «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» نى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.07.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىدىن قارىغاندا، يېقىندا بىڭتۇەن دائىرىلىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە بىڭتۇەننى زىيارەت قىلىپ قىلغان سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننى زىيارەت قىلغاندا، «بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى ھەرقانداق نەرسە بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەننىڭ چىگرانى قوغداشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ رولىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە چېگرانى قوغداشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك» دېگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەدەپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش چاقىرىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە.

بىڭتۇەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان ئىشغالىيەتچى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان يېرىم ھەربىي ئورگان بولۇپ، ئۇ بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان.

ھالبۇكى، شى جىنپىڭ 8 يىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ زىيارىتى» مەزگىلىدە بىڭتۇەن دائىرىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «شىنجاڭدا ياخشى خىزمەت قىلىش پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن دۆلەت ئۈچۈن بىر چوڭ ئىش قىلغانلىقتۇر. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئومۇمىي نۇقتىدىن چۈشىنىشى، شىنجاڭغا قارىتا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلىشى كېرەك،» دېگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.