خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىڭتۇەننىڭ «جىددىي ۋەزىيەت» كە ھەر دائىم تەييار تۇرۇشىنى بۇيرۇغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.01

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 1-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۇەن 8-دېۋىزىيە شىخەنزە شەھەرلىك قوراللىق قىسىم «بىڭتۇەن جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرىدۇ» دېگەن بەلگە چاپلانغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلانغان.

گەرچە بۇ خەۋەردە مەزكۇر ئايروپىلانلار «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ماددىي ئەشيا توشۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ۋە ئاتالمىش «تېررورچىلارنى باستۇرۇش» ئىشلىرىغا قوللىنىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. چۈنكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا شىخەنزىگە بېرىپ، بىڭتۇەن قوراللىق كۈچلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «ئاۋانگارت قوشۇن» قۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شى جىنپىڭ بىڭتۇەندىكى كادىر ۋە ئەسكەرلەرگە قىلغان سۆزىدە، «يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرا رايوننى قوغداشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن بىڭتۇەن «ئىلغار خەلق ئەسكەرلىرى» قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىڭتۇەن، دېۋىزىيە شەھەرلىرى، تۇەن-مەيدانلاردا «خەلق ئەسكەرلىرى» خىزمەت كومىتېتى ۋە ئىشخانىسى قۇرۇشنى، ھەر قايسى دېۋىزىيە شەھەرلىرى پارتكومىنىڭ باش سېكرىتارىنى مەزكۇر شەھەر قوراللىق قىسىمنىڭ باش سېكرېتارى قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ قوشۇننىڭ ۋەزىپىسى «ئادەتتىكى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، جىددىي ئەھۋالدا دەرھال ئاتلىنىش، جەڭ بولۇپ قالسا جەڭگە كىرىش» دەپ بېكىتىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىڭتۇەن ئورۇنلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 4318 ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. بىڭتۇەننىڭ خاراكتېرى بويىچە بولغاندا، ئۇلار كەسپىي، مەمۇرىي ئىشلارنى قىلىدىغانلارلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە «خەلق ئەسكەرلىرى» رولىنى ئوينايدىغان كۈچلەر ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور ئىلگىرى رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، بىڭتۇەننىڭ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ «ئۇلار بىڭتۇەندىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي تالان-تاراج ۋە ھەربىي زوراۋانلىقنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتمەكچى، شۇنداقلا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكچى» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.