خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە ئادەم قوبۇل قىلىشنى تېزلەتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 

خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئادەم قوبۇل قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەننى» بۇ يىل يەنە 1140 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مائارىپ سىستېمىسىغا، ئاز بىر قىسمى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. خەۋەردە، قوبۇل قىلىنىدىغان 1140 نەپەر خادىمنىڭ 1088 نەپىرىنىڭ بىڭتۇەن مائارىپ سىستېمىسىدىكى 609 ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.


خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىڭتۇەننى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن بېرى بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتىكى پولك ۋە دېۋىزىيەلىرى كېڭەيتىلىپ، ئۇنىڭغا كەڭ كۆلەمدە ئادەم قوبۇل قىلىش باشلانغان. لېكىن، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنى بىڭتۇەنگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتىپلا قالماي، «غەرب پىلانى» دېگەندەك ناملاردا پىدائىي ئەترەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا جەلپ قىلماقتىكەن. 

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» ئۆتكەن ھەپتە تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن «غەرب پىلانى پىدائىيلار» ھەرىكىتىگە قاتناشقان 1800 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىڭتۇەنگە «پىدائىي» بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت