بىڭتۇەننىڭ كەسپىي ئورۇنلىرى 8-ئايدىن باشلاپ يەنە ئادەم قوبۇل قىلىشنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.08.13

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۇەن پارتىيە مەكتىپى، بىڭتۇەن بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى، بىڭتۇەن يېمەك-ئىچمەك، دورا باھالاش مەركىزى، بىڭتۇەن ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى، بىڭتۇەن 5-دېۋىزىيە شىخەنزە دوختۇرخانىسى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلار كۆپلەپ ئادەم قوبۇل قىلىشنى باشلىغان.

بىڭتۇەن ھەر يىلى ۋە بىر يىلنىڭ قەرەللىك ۋاقىتلىرىدا مائارىپ ساھەسى، تور باشقۇرۇش، تۈرمە باشقۇرۇش، دوختۇرخانا، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئىچكىرى خىتايدىن ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتچىلەر بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ بىڭتۇەننى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىڭتۇەن ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش ئارقىلىق بۇ رايوندىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش تاكتىكىسىغا باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.