خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا «بىڭتۇەن روھى» نى ئومۇملاشتۇرماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-08-24
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن سىستېمىسىنى زورايتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقانلىقى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئ‍ۇلار بىڭتۇەن سىستېمىسىنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان «بىڭتۇەن روھى» نى ئۇيغۇر دىيارىغا كېڭەيتىشنى ئاشكارا چاقىرىق قىلىشقا باشلىغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 1954-يىلىدىن باشلاپ مەۋجۇت بولۇشقا باشلىغان بىڭتۇەن سىستېمىسى «چېگرا رايونلاردا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش» تەك ئۆزگىچە «روھ» نى جەۋلان قىلدۇرغان. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە بۇ خىل روھنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە ئومۇملاشتۇرۇش زۆرۈر ئىكەن.

خەۋەردە ئېنىق قىلىپ بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن «چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋاستە بولغانلىقى» ئىپتىخارلىق ئىچىدە مەدھىيىلەنگەن. شۇنىڭدەك بىڭتۇەنلەرنىڭ خىتايدىن يۈز مىڭلاپ كۆچۈپ چىققان خىتاي ئاققۇنلىرىنى ماكانلاشتۇرۇش ۋە بۇ رايوندىن كېتەلمەس قىلىپ قويۇش ئۈچۈن بەرپا قىلىپ چىققان توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى، قەغەز زاۋۇتلىرى قاتارلىقلارنى «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشنىڭ مىسالى» دەپ چۈشەندۈرگەن.

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىزنىڭ بىڭتۇەن ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «شەرقىي تۈركىستاندىكى بىڭتۇەنلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىشىدىكى بىر مۇھىم ۋاستە. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ھېچقانداق يېرىدە بىڭتۇەن قالمىدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئۇ تېخىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ،» دېگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «بىڭتۇەن روھى» ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى مۇشۇ ماكانغا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقى ھەققىدە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت