بىڭتۇەن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە 70 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، كۆچمەن خىتايلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-11-10
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدىلا 72 مىڭغا يېقىن ئادەمنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۇەن دائىرىلىرى بۇ يىل «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتنى مۇقىملاشتۇرۇش» پىلانىنى جىددىي ئىجرا قىلىپ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق ھەرقايسى دىۋىزىيە ۋە شەھەر-بازارلاردا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە جەمئىي 71 مىڭ 500 يېڭى خىزمەت ئورنى تەسسىس قىلغان.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەپ چىققان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە بىڭتۇەنگە «ئىشقا ئوۇرۇنلاشتۇرۇلغان» 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ چىققان خىتايلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى 1-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن ئۆلكىلىرى بىلەن تىبەت ۋە ئىچكى موڭغول ئاپتونوم رايونى ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا نۇپۇس يۆتكىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغان ۋە شۇنداقلا يۇقىرىقى بۇ 5 ئۆلكە-ئاپتونوم رايوننىڭ نۇپۇس باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەن بىلەن تۇتاشتۇرغان ئىدى.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ بىڭتۇەندىكى «كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋە خىزمەتنى مۇقىملاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە بىڭتۇەننىڭ زاۋۇتلىرىنى ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بىڭتۇەن مالىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسىدىن 639 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كارخانىلارغا ياردەم بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بىرقانچە ئورگانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ قارا تىزىملىككە ئالغاندىن بۇيان، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىدا زور داۋالغۇش بولغانلىقى مەلۇم. يېقىندا «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۆتكەن يىلى بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى كىرىمىنىڭ جىددىي تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈنمۇ زور ئىقتىسادىي بېسىم شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت