بىڭتۇەننىڭ زور مەبلەغ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان شەھەرلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك شەھەر-بازارلار بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-10
Share

بەزى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىپ، لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى يېرىم قوراللىق، يېرىم ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى شەھەرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا بىڭتۇەننىڭ دىۋىزىيە-پولكلىرىدا «ياشاشقا، سانائەتكە، ھەربىي بوز يەر ئېچىشقا ماس كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىش»، «يېڭى تىپتىكى شەھەرلىشىش ۋە بازارلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

«بىڭتۇەن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرلەر ئاستا-ئاستا ئەتراپتىكى (يەرلىككە قاراشلىق) شەھەر بازارلار بىلەن تۇتاشقان ۋە بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى تىپتىكى بىر خىل شەھەر-بازار تەرەققىيات مودېلىنى شەكىللەندۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلدىن كېيىن، بولۇپمۇ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن باشلاپ بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى ھالقىلىق بىر كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا كىرىشكەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلدىن كېيىن بەرگەن ۋە يېقىندا ئاشكارلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشنىڭ مۇھىم پاكىتى، دەپ قارالغان مەخپىي يوليورۇقلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىخەنزە، ۋۇجياچۈ، بېيتۇن، كۆكدالا، ئارال، باشئەگىم، تۇمشۇق، كۈنيۇ قاتارلىق يېڭى تىپتىكى شەھەرلەرنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ دائىرىسىنى يەرلىككە قاراشلىق شەھەر-بازارلار بىلەن تۇتاشتۇرغان ھەم بىر گەۋدىلەشتۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت