بىڭتۈەن «غەربىي رايون پىلانى»نامىدا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ستودېنتلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.07.28


خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى «غەربىي رايون پىلانى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىڭتۈەن ئىگىدارچىلىقىدىكى شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 28 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 27 - ئىيۇل كۈنى خېنەن، شەندۇڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق 30 ئۆلكە، شەھەرلەردىن كەلگەن يەنە بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ۋە ماگىستېرلىقنى تۈگەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىڭتۈەننىڭ 14 دېۋىزىيىسىدىكى يېڭى ئىش ئورۇنلىرىغا يېتىپ كېلىپ، 1 يىلدىن 3 يىلغىچە تەقسىم قىلىنغان جايدا ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە قەسەميات يىغىنىغا قاتناشقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2003 - يىلى بىڭتۈەن قاتارلىق جايلاردا «غەربىي رايون پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان جەمى 6458 نەپەر ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ، بىڭتۈەننىڭ دىۋىزىيىلىرىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا، بانكا، قانۇن ئورگانلىرىدا 1 يىلدىن 3 يىلغىچە يۆتكەلمەي ئىشلەش توختامى ئىمزالىغان. نۆۋەتتە توختام مۇددىتىنى تۈگەتكەنلەرنىڭ يېرىمى بىڭتۈەندىكى ۋە يەرلىكتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا داۋاملىق ئىشلەش ئۈچۈن قېلىپ قالغان.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى «غەربىي رايونغا ياردەم» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرماقتا. ھالبۇكى، 2000 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قارىماي قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىشسىزلىق مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلىشىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ، يىللاردىن بۇيان ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ تېخىچە ئىشقا ئورۇنلاشماسلىقى، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىكنى ئەيىبلەشتە نەقىل ئالىدىغان مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.