بىڭتۈەن نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى زور دەرىجىدە ئۆستىمۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.07.22

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۈەن نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 77.9 ياشتىن ئېشىپ، سۇغۇرتا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 100 پىرسەنتكە يەتكەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل بىڭتۈەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسى بولۇپ، بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى دەل بىڭتۈەن نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىدە كۆرۈلگەن ئۆسۈش بولغان، شۇنىڭدەك ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش جەھەتتە زور مۇكەممەللىشىشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى تەكىتلەنگەن. بىڭتۈەن سەھىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ۋۇ ۋېيدوڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىڭتۈەن سىستېمىسىدا ئورگان بىلەن شەخسلەر بىر ئائىلە بولۇش، بىر تاختا شاھمات بولۇش، ھېساباتتا بىر بولۇش تولۇق ئىشقا ئاشتى» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋالاش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىگە يىلدا ئاجرىتىدىغان مەبلەغنىڭ غايەت زور قىسمى دەل مۇشۇ بىڭتۈەن سىستېمىسىغا تەقسىملىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈلگەن نوپۇسقا «ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز تېرىلغۇ يەر، ھەقسىز مەكتەپ» دېگەنلەرنى تەمىن ئېتىشىگە ئىشلىتىلگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان «دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان ھەمدە نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي بولغان بىڭتۈەن سىستېمىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان، مائارىپ ۋە داۋالىنىش سەۋىيەسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل «ئالاھىدە سىياسەتلەر» دىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بىڭتۈەندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتنىڭ بىر مىسالى قىلىشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.