بىڭتۈەن 104 - پولكىدا يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى


2013-08-13
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ئارمىيىسىىنىڭ ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى 104 - پولكىدا 9 - ئاۋغۇست كۈنى سۇدا پىشۇرۇلغان خاسىڭدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 34 كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا 3 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

خىتاينىڭ 13 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىڭتۈەن 12 - دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق 104 - پولكىنىڭ توخو فېرمىسى ئەتراپىدىكى بازاردا فەن فامىلىلىك كىشى ساتقان سۇدا پىشۇرۇلغان خاسىڭنى يىگەن 34 كىشىدە شۇ كۈنى قىززىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ۋەقەلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەر ۋاقىت ۋەقە يۈز بېرىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن مەلۇم بولماقتا ياكى ۋەقە كىچىكلىتىلىپ بېرىلگەن ھەتتا يوشۇرۇلغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. 2011 - يىلى ئۇيغۈر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ ئاۋۋال چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە كۆپ ئادەم زەھەرلىنىپ، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت