ئېرىك پرەنسنىڭ شىركىتى بىڭتۇەن بىلەن تۇمشۇقتا مەشىق مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.31

ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدىكى بىر بىخەتەرلىك مۇلازىمەت شىركىتى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» بىلەن مەشىق مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ كەلگەن ھۆددىگەر ئېرىك پرەنس «چېگرا مۇلازىمەت گۇرۇھى» ناملىق بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى «قارا سۇ» ناملىق بىخەتەرلىك مۇلازىمەت شىركىتى ئىراق ئۇرۇشىدا بەزى يولسىزلىقلارغا چېتىلىپ تاقىۋېتىلگەن. ئېرىك پرەنسنىڭ ئۆزى بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «دېڭىز يىلپىزى» ئالاھىدە قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31‏-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ «چېگرا مۇلازىمەت گۇرۇھى» بايانات ئېلان قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن مەشىق مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېلىشىم مەزكۇر شىركەت بىلەن بىڭتۇەننىڭ تۇمشۇقتىكى ساۋخۇ سانائەت باغچىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان. «ساۋخۇ پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىسى» 2013‏-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنىڭ بىر قىسمى 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا، قالغان قىسمى 2018‏-يىلى 2‏-ئايدا ئىشقا كىرىشكەن.

مەزكۇر سانائەت باغچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ھەر قايسى جايلاردىكى توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار كەڭ تارقالغان مەزگىلدە ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «چېگرا مۇلازىمەت شىركىتى» باياناتتا كېلىشىمنىڭ 11‏-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا ئىمزالانغانلىقى، مۇراسىمغا تۇمشۇق شەھىرى ۋە «جوڭشىن گوئەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

«چېگرا مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەشىق مەركىزى ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۆتكەن يىلى تارقىلىپ، بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان ئىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ شىركەتنىڭ مەزكۇر رايوندا مەشىق مەركىزى قۇرۇپ، خىتايغا بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەربىيەلەپ بېرىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېگرا مۇلازىمەت گۇرۇھى تۇمشۇقتىكى مەشىق مەركىزىگە 600 مىڭ دوللار مەبلەغ سالىدىكەن. خەۋەردە بۇ مەركەزدە يىلىغا 8000 ئادەم تەربىيەلەشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.