ئۇيغۇرلار ‏15-مارت كۈنى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» دە نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.03.15

بۈگۈن يەنى 15-مارت پەيشەنبە كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بىر كۈندە ئېلىپ بېرىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە تەشكىللىگەن كۆلىمى ئەڭ زور نامايىشلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۈگۈن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، نيۇ-يورك كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى ۋە ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى تورى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق نازارەت سىياسىتى ۋە يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن ئىككى ئاي ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت كېيىن زورىيىپ، 14 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگىچە كېڭەيگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.