«بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدە گۇمانىي قاراشلار مەۋجۇت

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بېجىڭدا ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» توغرىسىدا ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر ئىستراتېگىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالىشىدىكى مۇمكىنچىلىككە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ قاراشلار جېمىستوۋن فوندى جەمئىيىتى 11-ماي ئېلان قىلغان بىر مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى كۈزدە «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» نى ئاشكارىلاپ، خىتاينى ياۋروپا، مەركىزىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە تۆمۈر يول، دېڭىز ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق ئۇلاشنى، شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇلاھىزىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە نازارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي يۆلىنىشىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 15-ماي بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا يۇقىرىقى غايىسى ئۈچۈن دىپلوماتىك ئورۇن ھازىرلاشقا تىرىشىدىكەن.

مۇلاھىزىدە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئاخباراتى مەزكۇر ئىستراتېگىيەنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىغا سوئال قويۇشقا باشلىغان.

مۇلاھىزىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى شى يىنخوڭ شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ 2016-بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە يۇقىرىكى ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ماڭدۇرۇشقا بولغان گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ماقالىسىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى مەزكۇر ئىستراتېگىيەنى ئىجرا قىلغاندا دەرىجىدىن تاشقىرى كېڭىيىپ كېتىپ ئىستراتېگىيەلىك ئونكول كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئالاقىدار ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەدە ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرغان.

پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدىمۇ، شى جىنپىڭ باشلىغان مەزكۇر ئىستراتېگىيەنىڭ پەقەت بىر يۆلىنىشلىك سودا ئېقىمىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا سودىگەرلىرى «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئۆزلىرىگىمۇ خىتاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلى ئۇلار كۆزلىگەندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.

شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ئىستراتېگىيە ياۋروپانىڭ خىتايغا مال ئېكسپورت قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشىغا ئانچە كۆپ مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن.

جېمىستوۋن فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان مۇلاھىزىدە كۆرسىتىشىچە يەنە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىپ، رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىن باشلاپلا مەزكۇر ئەللەرنى سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مونوپول قىلىپ كەلگەن رۇسىيەنىمۇ خاپا قىلىپ قويىدىكەن.

مۇلاھىزىلەردە خۇلاسىلەپ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقىدەك بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر ئىستراتېگىيەسى ئۇ كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت