خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» خەلقئارالىق يىغىنى جەريانىدا بىخەتەرلىك كۈچەيتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.05.14


خىتاينىڭ ساھىبخالىقىدىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» خەلقئارالىق ھەمكارلىق بويىچە ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلار مۇنبىرى 14-ماي كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىشىچە، 29 دۆلەت ئالى رەھبىرى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ۋە يىغىندا يەنە بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى سۆز قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن جەريانىدا بېيجىڭ ۋە باشقا ھەر قايسى جايلاردىكى مۇقىملىق ھەم بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرى، ھوقۇق قوغدىغۇچى زاتلارنى قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باشقىلار كۈچەيتىلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەتتا ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە كىرىپ، پائالىيەت قىلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىنغان شۇنىڭدەك يەنە بېيجىڭدىكى بەزى ھوقۇق قوغدىغۇچى دېموكراتىك زاتلىرىنىڭ تورلارغا چىقىشى ۋە سىرتتا پائالىيەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى بېيجىڭدىكى بىر ئائىلە خرىستىيان چېركاۋىنىڭ پوپى شۈ يوڭخەينىڭ 8-مايدىن ئېتىبارەن ئۆز ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىشىدۇر.

بۇلاردىن باشقا يەنە ھەربىي سەپتىن قايتقان بىر قىسىم كونا ھەربىيلەر ھەم ئەرىزدارلارنىڭ دۆلەت ئەرزى-شىكايەت ئىدارىسىغا بېرىشى توسۇپ قويۇلغان ۋە بەزى ئەرىزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە خىتاي مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بېيجىڭدىكى مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىن جەريانىدا بارلىق خەۋەر-ئۇچۇر تورلىرى، مۇنازىرە سەھىپىلىرى، بلوگ ۋە ئۈندىدار شۇنىڭدەك، خەۋەر ۋە ۋىدېئو تارقىتىش بېكەتلىرىنىڭ مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىنى ھەققىدە تارقىتىدىغان ئۇچۇرلىرى دۆلەتنىڭ ئۈچ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى، يەنى، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «خەلق گېزىتى» ۋە «مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نى ئۆلچەم قىلىشىنى بېكىتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.