گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى دېموكراتىيەگە تەھدىت»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.02.19

گېرمانىيە تاشقى ئىشلا مىنىستىرى سىگمار گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتۇرلۇقنىڭ كۈرىشىگە ئايلانغانلىقىنى، غەربنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ئۆز پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013‏-يىلى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپانى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق ئۇنىڭ پىلانى بەزى دۆلەتلەردە ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ مەزكۇر پىلان ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرىنى كېڭەيتىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن. مەزكۇر پىلان يۇقىرىقى دۆلەتلەردە ئەندىشە قوزغاپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇھىت مەسىلىسىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۇسۇلىغىچە بولغان كۆپلىگەن ساھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

سىگمار گابرائىلنىڭ ميۇنخېندىكى يىغىندا ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ئارقىلىق دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشكە ۋە ئۆزىنىڭ غەربتىن پەرقلىق قىممەت ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتورىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىغا قارشى ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىگمار گابرائىلنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي سىستېمىلىق يەر شارى سىياسىي مەقسىتى بار دۆلەت ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى غەربتىن تۈپتىن پەرقلىقلىنىدىكەن. سىگمار، غەربنىڭ خىتايغا قارشى شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقاغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 16‏-فېۋرال ميۇنخېندا باشلانغان بۇ يىغىن 18‏-فېۋرال ئاخىرلاشقان. يىغىنغا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ يىڭ قاتنىشىپ، خىتاينىڭ يادرو قوراللار ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.