بېرمىدىكى ئېتنىك خىتاي قوراللىق كۈچلىرى خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.25


بېرما - خىتاي چېگرىسىدىكى ئېتنىك خىتاي قوراللىق گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى، خىتاي ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ، بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. بېرما ھۆكۈمىتى بۇرناكۈن خىتاي ياللانما ئەسكەرلىىرىنىڭ بېرمىغا كىرىپ، ئېتنىك خىتاي قوراللىق گۇرۇھىغا ياردەم قىلغالىقىنى بىلدۈرگەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى بېرما بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي زېمىنىنى بازا قىلغان «تېررورلۇق ھۇجۇم»نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

16 - فېۋرال، بېرمىدىكى ئېتنىك خىتاي ئاز سانلىق مىللىتىنىڭ كوممۇنىستىك قوراللىق گۇرۇھى - «بېرما دېموكراتىك ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى» بىلەن بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيسى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغان. خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېتنىك خىتاي قوراللىق گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى پېڭ جياشىڭ،«خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىزنىڭ سېپىمىزدە ئۇرۇش قىلىشىغا يول قويماسلىق بىزنىڭ پرىنسىپىمىز» دەپ كۆرسىتىپ، چۈنكى «بۇ بىزگە زىيانلىق» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ بېرمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھېچكىمنىڭ جۇڭگو تۇپرىقىنى بازا قىلىپ مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بېرما مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. مەزكۇر ئېتنىك خىتاي قوراللىق گۇرۇھى 1989 - يىلى بېرما كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.