بىرما ئارمىيەسى ئاتقا زەمبىرەك ئوقلىرى خىتاي چېگراسى ئىچىگە چۈشۈپ، 5 ئادەمنى يارىلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-05-16
Share


خىتاي تەرەپنىڭ 15 - ماي ئېيتىشىچە، بىرما ئارمىيەسى ئاتقا زەمبىرەك ئوقلىرى خىتاي چېگراسى ئىچىگە چۈشۈپ، شۇ جايدىكى 5 ئادەمنى يارىلاندۇرغان ۋە 4 ئۆينى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان.

توپ ئوقلىرى بېرمىنىڭ توقۇنۇش بولۇۋاتقان كوكاڭ رايونىغا يېقىن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىنساڭ شەھىرى ئەتراپىغا چۈشكەن.

بىرما دائىرىلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بىرمىنىڭ خىتايغا چېگرىلىنىدىغان كوكاڭ رايونىدا كوكاڭ بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن سوقۇش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

لىنساڭ ھۆكۈمىتى جۈمە كۈندىكى باياناتىدا توپ ئوقىدا بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى ۋە 4 نەپەر بىرمىلىقنىڭ زەخىمىگە ئۇچرىغانلىقنى ئېلان قىلدى.

بۇنداق ھادىسىلەر ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن. بۇلار خىتاي تەرەپنى بەك بىئارام قىلغان، ئۇلار بىرما دائىرىلىرىنى ئىچكى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چىرقىرىغان. ھالبۇكى ئۇرۇش ھېلىھەم داۋام قىلىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت