يۈزلىگەن كىشى خىتاي قوللاۋاتقان مىس كانىنىڭ قايتا ئېچىلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.05.08


جۈمە كۈنى يۈزلىگەن بىرمىلىق نامايىش قىلىپ، خىتاي قوللاۋاتقان «لېتپادۇئاڭ» ناملىق بىر مىس كانىنىڭ قايتا ئېچىلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش چارشەنبە كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ كۈنى نامايىشچىلار مىس كانىنى قوغداۋاتقان قاراۋۇللارنىڭ توسۇقلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن.

رويتېرسنىڭ يەرلىكلەردىن ئېگىلىشىچە، «لېتپادۇئاڭ» مىس كانى «بىرما ۋانباۋ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، ئۇ شىركەت خىتايدىكى بىر قورال ياساش شىركىتىنىڭ تارمىقى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «لېتپادۇئاڭ» مىس كانىنى بىرما ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن بىرما ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ باشقۇرىدىكەن.

يەرلىكلەرنىڭ رويتېرسقا بىلدۈرۈشىچە، شىركەت كاننى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى قانۇنسىز تارتىۋالغان.

ئۇلار 2012 - ۋە 2013 - يىللىرىمۇ چوڭ تىپىكى نامايىشلارنى قىلىپ، كان شىركىتىنىڭ يەر - زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن.

مەزكۇر كان ماندالاي شەھىرىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، 2013 - يىلىدىكى نامايىشتىن كېيىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.