بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېرمۇدادا تۇرۇشلۇق تۆت ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇر بېرمۇدا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ كەتكەن.

«پادىشاھلىق گېزىت» تورنىڭ 1-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تۆت ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى رىچارد خورسمەن بېرمۇدادىكى «ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش نىزامى» بويىچە يۈكسەك مەخپىي تۇتۇلىدىغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىگە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە رىچارد خورسمەننىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئاۋامغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭمۇ بارلىقىدىن بەكلا ھەيران قالدۇق. بېرمۇدادىكى ‹ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش نىزامى› بويىچە بۇ خىلدىكى تەپسىلاتلار مەخپىي تۇتۇلۇشى كېرەك. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىپ كەتكۈچىلەر بۇ ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كەتكەن جەرياندا بىرەر ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك ئىدى.»

ئۇ سۆزىدە يەنە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئىش بىزنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىلىرىمىزغا ئېغىر سەلبىي تەسىرنى پەيدا قىلدى. بۇ گەرچە بىر مەمۇرىي خاتالىق بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بۇ ئۇچۇرلار يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە، بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدۇ.»

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېرمۇدا كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت