«بىر يول بىر بەلۋاغ مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ خىتاي ۋە دۇنيا بانكا سىستېمىسىغا تەھدىت تۇغدۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2017.08.26
خىتاي باشلىغان «بىر يول بىر بەلۋاغ مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيىسى» نىڭ خىتاي بانكا سىستېمىلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بانكا سىستېمىسىغا تەھدىت تۇغدۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى، 100 مىليارد يۈەن توپلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسا، خىتاي بانكىسى، سودا-سانائەت بانكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك بانكىلىرىمۇ مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن ئىش باشلىغان.
ھالبۇكى خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خىتاي پىلانلاۋاتقان «بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسى» مەغلۇپ بولۇپ كەتكەن تەقدىردە، خىتاي توپلىغان بۇ غايەت زور مىقدارىدىكى مەبلەغلەر ئەھدىنى بۇزۇش ياكى ۋەيران بولۇش خەتىرىگە يولۇقىدىكەن.
خەۋەردە نەقىل ئېلىشىچە، بېيجىڭ چېڭكوڭ سودا ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور شۇ چېڭگاڭ بۇنىڭ خىتاي ۋە دۇنيا بانكا سىستېمىسىغا تەھدىت كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ ئەكس تەسىرى خىتايغا زەرەر بېرىپ قالماستىن، دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغىمۇ زەرەر بېرىدۇ.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانلىرى ھەتتا بەزى خەتەرلىك دۆلەتلەردىكى زور تەۋەككۈلچىلىك تەلەپ قىلىدىغان تۈرلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. ئەگەر بۇ مەبلەغلەر شەخسىي شىركەتلەر تەرىپىدىن سېلىنغان بولسا، ئۇنىڭ يولى باشقا بولۇپ، ئەمما خىتاينىڭ مەبلەغلىرى دۆلەتتىن دۆلەتكە بىۋاسىتە بېرىلىدىكەن.
مۇلاھىزىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل مەبلەغ سېلىش خاھىشى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە «يۇمشاق خامچوت چەكلىمىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن.
بۇ ئاساسەن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشىغا يول قويۇلمايدىكەن. ئەگەر بىر دۆلەتتە يۇقىرى نىسبەتتە «يۇمشاق خامچوت چەكلىمىسى» ھادىسىسى ۋە زور مىقداردا ۋەيران بولۇشقا يول قويۇلمايدىغان شىركەتلەر كۆپ بولسا، بۇلار مەبلەغ مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. بۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەر بەك كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پۇل مۇئامىلە نۇقتىسىدىن ئالاھىدە ئەندىشە مەركىزى بولۇپ كەلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسى» بويىچە مەبلەغ سېلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان مېركاتور خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بجورن كونراد مۇنداق دېگەن: «(بۇ تۈر بويىچە مەبلەغ سېلىنىدىغان) كۆپ ساندىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى مەسىلىلەرگە يولۇقىدىغانلىقىدا شەك يوق.»
ئۇ يەنە بۇ تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ۋەيران بولۇش خەتىرى يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: بۇ خىتاينىڭ بانكا سىستېمىسىغا خەتەر تۇغدۇرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيا بانكا سىستېمىسىغا خەتەر يارىتىدۇ.»
ئاتالمىش «بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسى» نى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئىستراتېگىيە ئاساسلىقى خىتاينى ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش تۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.