بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى خىتاي پۇقراسى بولۇپ چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.03.25

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى 22‏-مارت يۈز بەرگەن بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەن 31 كىشىنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي، خىتاينىڭ بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆلگەن ئۇ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم دۇنيانى چۆچۈتۈۋەتكەن. ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق گۇرۇھ- دائىش ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي جۈمە كۈنى بىريۇسسېلغا يېتىپ بېرىپ، بېلگىيە باش ۋەزىرى چارلىس مېشىل، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېدىر رېيندېرس ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى تۇسك بىلەن كۆرۈشكەن.

جون كەرىي جۈمە كۈنى بېلگىيە باش ۋەزىرى چارلېس مېشىل بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر چارلىس مېشىل بولسا بېلگىيەنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە دائىش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئۇ خىتاي پۇقراسىنىڭ فامىلىسى دىڭ بولۇپ، ئۇ دەسلەپكى كۈنى ئىز ‏- دېرەكسىز غايىب بولغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.