دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 27‏-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن بىريۇسسېلدىكى نامايىشىنىڭ «غەلىبىلىك» بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.05.01

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، 27‏-ئاپرېل كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشنىڭ «غەلىبىلىك» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. د ئۇ ق باياناتىدا، بىريۇسسېلدىكى نامايىشنى «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور كۆلەملىك يىغىلىشلىرىنىڭ بىرى» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇ ئۇيغۇر «ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىللىقىدىكى بىر بۆلۈنۈش نۇقتىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

27‏-ئاپرېل ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن بىر قانچە مىڭ ئۇيغۇر نامايىشچى ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى تاقاشنى، بۇ لاگېرلاردىكى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان شۇنىڭدەك ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بۇ نامايىش پەقەت بىر باشلىنىشتۇر. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تامامەن ئويغانغانلىقى ۋە ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىنىپ، «بىز بۇ يەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ خىتاي دارلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن. باياناتتا يەنە «خىتايغىمۇ شۇ ئېنىق سىگنالنى بېرىمىز، سەن ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك قاتتىق باستۇرساڭمۇ، لېكىن بىزنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق روھىمىزنى سۇندۇرالمايسەن».

27‏-ئاپىرىلدىكى نامايىش جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى ياۋروپا كومىسسىيىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا دائىر بىر ئەرزنامە سۇنغان ھەم بۇ لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى تونۇشتۇرغان. ياۋروپا كومىسسىيىسى ۋە ياۋروپا تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، بۇ زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.